ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق بۇ ئەسەر 6500 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 10 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ توپلامنى سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنى تىرمىزى، سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۇنەنى نەسائى، سۇنەنى ئىبنى ماجە، مۇۋەتتەئۇ مالىك، سۇنەنى دارىمى، مۇسنەدى ئەھمەد، تەبەرانى ئەلكەبىر، تەبەرانى ئەلئەۋسەت، تەبەرانى ئەسسەغىر، مۇسنەدى ئەبۇ يەئلا مەۋسىلى، مۇسنەدى بەززار، زەۋائىدۇ رەزىن ناملىق 15 ھەدىس كىتابتىن تەييارلىغان بولۇپ، جەمئى 10 مىڭ 131 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Author: مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي
Reveiwers: ن.تەمكىنى - سابىرجان
Translators: مۆمىن جان - ئالىمجان ئاتائۇللاھ - ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى - ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم
مۇتتەقىيلەر سەيلىگاھى «ياخشىلار باغچىسى» نىڭ شەرھى ناملىق بۇ ئەسەر بىر گۇرۇپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن شەرھىلەنگەن بولۇپ، كىتاب ئۆزىنىڭ پايدىلىق ۋە ئىلمى قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ھەممىگە مەلۇم.
Author: شەيخ مۇستەپا بەغا - شەيخ مۇھەممەد ئەمىن لۇتپى - شەيخ ئەلى شەربىجى - شەيخ مۇھيىددىن مەستۇ
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: مۇھەممەد سالىھ قاراجىم
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
«مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. بۇ كىتاب دىنى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
Author: بىر گورۇپ ئالىملار
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان - ن.تەمكىنى - مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم - سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
Publisher: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
قولىڭىزدىكى بۇ كىتابچە ساماۋىي كىتابلار ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملار دەۋەت قىلغان، ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭسىز دىندا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغان ، تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ناھايىتى پايدىلىق بىر كىتابچىدۇر. بۇ كىتابچە داغدام يولغا، ئاشكارا ھەقىقەتكە باشلاپ، اﷲ نىڭ كامالى سۈپىتىگە زىت كېلىدىغان بارلىق شەكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىماننى ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى شەرھىيلەپ بېرىدۇ.
Author: ھاپىز ئىبنى ئەھمەد ئەلھەكەمىي
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - سابىرجان
«شىرىن كالام» ناملىق بۇ ئەسەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، مەرھۇم داموللا سابىت ئابدۇلباقى ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە مىراس قالدۇرغان مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى. بۇ ئەسەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئۆسۇپ يېتىلىشى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كىيىنكى ھاياتى، ئىسلام دىنىنى تارىتىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى قاتارلىقلارنى روشەن بايان قىلىپ بىرىدۇ.
Author: داموللا سابىت ئىبنى ئابدۇلباقى - داموللا سابىت ئىبنى ئابدۇلباقى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن
-